2011.03.18

دۈشەنبە كۈنى باشلانماقچى بولغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندىن يولغا چىققان رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئاۋسترالىيىگە يېتىپ باردى. سىدنېي ئايرودرومىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆزىگە ۋىزا بەرگەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم خىتاي باياناتچى جياڭ يۈنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5-قېتىملىق ئاۋسترالىيە زىيارىتى تۈنۈگۈن باشلاندى. رابىيە خانىمنىڭ تۈنۈگۈنكى سەپىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت مۇساباي ھەمراھ بولدى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ھۈسەن ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر رابىيە خانىمنى سىدنېي ئايرودرومىدا كۈتۈۋالدى.
ئالدىنقى كۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى يەنى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيىسى تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى سۆزلىرى ۋە باش تەپتىش نۇرمۇھەممەت مۇساباينىڭ تۆۋەندىكى مەلۇماتلىرى خىتاي تەرەپنىڭ رابىيە خانىمنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ جىم تۇرمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.