خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى Temu , ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى قايتۇرسا ، ساتقۇچىلارغا  ئېغىر جەرىمانە قويغان. بۇ سەۋەبتىن تېمو   قاتتىق ئىنكاسلارغا ۋە نامايىشلارغا دۇچ كەلگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ جەرىمانە مەھسۇلاتنىڭ سېتىش قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ ، ساتقۇچىلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

گۇاڭجۇلىق بىر سودىگەر تېمۇنىڭ  ساتقۇچىلارغا «ھېچقانداق سەۋەبسىز» جەرىمانە قويغانلىقىنى پاش قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ دۈشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ گۇۋاڭجۇدىكى باش شىتابى PDD Holdings غا بېرىپ نامايىش قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

تېمۇنىڭ ئەرزان باھالىق سىياسىتى ئامېرىكىدىكى كىچىك كارخانىلارغا ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ. ئۇ تېكساس ئاممىۋى سىياسەت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (CCP) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن «ترويا ئات» دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ فوندى جەمئىيەت شىركەتنىڭ قۇل ئەمگىكى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2023- يىلى تېموغا 400 مىليون دوللار تولۇقلىما بەرگەن بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق . شۇنداقلا  تەكشۈرگۈچىلەر بۇ شىركەتنىڭ  ئامېرىكىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20024- يىلى 1- ئايغىچە ، 50  مىليۇندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق تېمۇنىڭ يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرگەن. بۇ سەۋەبتىن ، خىتاي ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تېمۇ ۋە ئۇنىڭ رەقىبى شېيىننىڭ،  ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) غا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. رۇبىئو مۇنداق دېگەن: بۇ شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىدۇ ،  فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدۇ.»

ئۇ 2024-يىلى 4-ئايدا ،  دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى ئالېجاندرو مايوركاسنى بۇ  شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى UFLPA ئورۇنلار تىزىملىكىگە قوشۇشقا چاقىرغان ئىدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئامېرىكىدا تېمونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئايلىق ئاكتىپ ئابونت سانى 51 مىليونغا يەتكەن. بۇ 2023-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 300 ئاشقان.

مەنبە: https://floridianpress.com/2024/08/chinese-company-temu-facing-pressure-from-florida-and-chinese-citizens-after-latest-protests/