ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا ساھەسىدە كەڭرى تونۇلغان ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى چېقىۋېتىلگەن. مەزكۇر سودا ساراي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1990-يىللاردىن كېيىن زور بىر تۈركۈم سودا-كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈرتكە بولغان. خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ قوزغىغۇچىسى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر سودا سارىيىغىمۇ پېچەت سېلىپ مۇلازىمەتتىن توختاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، جەمئىيەتكىمۇ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشكە تىرىشقان زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى، جۈملىدىن دويىننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا-ساراينىڭ چېقىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش ياكى رەسىم ئۇچراتمىغان. ساراينىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈكلۈكى سەۋەبىدىن، بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرلار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، تېلىفۇننى قوبۇل قىلغان كىشلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ياكى تىلغا ئېلىشتىن قورقۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
زۇمرەت داۋۇتقا كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغان كۈنى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان؛ بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر سودا ساراي جايلاشقان يول ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئەتراپتىكى ساياھەت ئورۇنلىرى زىيارەتتىن چەكلەنگەن.
زۇمرەت داۋۇتنىڭ يەنە ئۇقۇشىچە، بىنا چېقىلىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى دۇكان ۋە بىنالارنى تاقاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.
زۇمرەت داۋۇت خانىمغا كەلگەن ئۇچۇردا بىنانىڭ پارتلىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرنىڭ تېلىفۇنىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىممۇ، دائىرىلەرنىڭ ساراينى چېقىشنى مۇمكىن قەدەر شەپىسىز ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما بىنانىڭ پارتلىغان ئاۋازى بىلەن كوچىلارنى قاپلىغان ساقچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئەنسىزچىلىك ئىچىدىكى شەھەردە تېخىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە ساراينىڭ چېقىلىشنىڭ جەمئىيەتتە كەڭرى بىلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تېلىفۇن زىيارىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت ئىدارىسى خادىمى ساراينىڭ چېقىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
«رابىيە قادىر سودا سارىيى» 1990-يىلى سېلىنغان، بۇ سارايغا يانداش بىنا «ئەقىدە سودا سارىيى» بىلەن قاتقاندا جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان، يىغىن زالى، توي سالونى، دەرسخانا ۋە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ساراي سودا-تىجارەت ئىشلىرىدىن باشقا مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئۇچرىشىش جايى، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ماكانى، خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىش باشلاش ئورنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنىغا ئايلانغان. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سودا ساراي رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولغان، پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 2009-يىلى بىناغا پېچەت سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي بىناكارلىق ۋە ئەنئەنىۋى سودا ماھارىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسىي مەيدان ۋە ئىرادىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى. بۇ سودا ساراي كۆپ يىللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشىدىغان، ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىدىغان، ھەتتا تونۇشىدىغان، سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىلىرى قىلىدىغان بىر مۇھىم سىمۋوللۇق تۈگۈنگە ئايلانغانىدى.
مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/rabiye-sariyi-12092024142139.html