خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19- ئىيۇلدىكى تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشچە، سەيشەنبە كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا قاراشلىق قوشئۆت (خېشۇ ) ناھىيىسىدە 2500 ~ 3000 يىللار بۇرۇنقى تاش ئويمىلار بايقالغان. بۇ تەبىئىي تاش ئويمىلار قەدىمقى كىشلەرنىڭ ئوۋچىلىق ، كۆچمەنلىك ۋە ئۆرپ-ئادەت كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن 71 يەككە شەكىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ خىل تاش ئويمىلارنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي تاغلىق رايون قوشئۆت يېزىسىدا بايقىلىشى ئىكەن ھەمدە بۇ ئويمىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى شۇ يەردە ياشىغان قەدىمقى كىشلەرنىڭ ھاياتى ، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ تېپىلغان تارىخى تاش ئويمىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخلىرىمىزنى، مەدەنىيەتلىرىمىزنى بۇرمۇلاش ئۈچۈن كېيىن يازمىلارنى، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا ھەممىمىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاغا سەزگۈر تۇرۇشىمىز كېرەك.