ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 6- ئاۋغۇسىتتىكى خەۋەرلىرىدە، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ (SUK) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «قايتا تەربىيىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا رەددىيە قايتۇرغان باياناتلىرى ئېلان قىلىنغان. شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۇ تەشۋىقاتنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي رىئاللىقنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەققىي ئەھۋالىنى يۇشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى باياناتتا يەنە ، ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى»نىڭ ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلغان جازا لاگىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۆلەت يولغا قويغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسمىلماتىسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان جازالاش لاگىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 15 ياشلىق قىزنى تىرورچى نامى بىلەن قايتا تەربىيىلەشكە ئەۋەتىلگەن ئەھۋالنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى زالىم، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىمۇ جازالايدىغان بىر فاشىسىت ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشتىكى سېستىمىلىق يولغا قويغان دۆلەت ئىستراتېگىيىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ، كىشلەرنىڭ مەجبۇرلانغان ھالدا بىرىلگەن گۇۋاھلىق تەشۋىقاتلىرىنى تارقاتقانلىقىنى ، بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن پىلانلانغانلىقىنى ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كىتىشىدىن ئىلگىرى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جىدىي قاراپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىكە چاقىرغان.