ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرمىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.03.16

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبنى 2009-يىلىدىكى ئىنكاسلىرىدىن ئالغان ساۋاق بىلەن باغلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۈرىسى ئۈچۈن كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىگە بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئاۋسترالىيىنىڭ ۋىزا رەسمىيىتى، بىزنىڭ ۋىزا ۋە كۆچمەنلىك بەلگىلىمىلىرىمىزگە ئاساسەن بېجىرىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا تەكلىپ قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشىنى «بىنورماللىق» دەپ سۈرەتلىگەن مەمتىمىن ئەلا مۇنداق دېگەن: بەلكىم خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋسترالىيە سەپىرىگە قايتۇرغان ناچار ئىنكاسلىرىدىن ساۋاق ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» 2009-يىلى ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل يىرىكلەشكەن.