خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى مۇنازىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە سلوۋاكىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.03.15
liu-xiaobo-3052010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو.

RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بۇ يىلقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئىجتىمائىي‏ ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، ب د ت نىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ب د ت نىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشىنى ئالغا سۈرۈشتۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 11‏-چېسلادىكى يىغىنىدا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب د ت نىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى باشلانغان 28-فېۋرالدىن بۇيان، جەنۋەدىكى مەزكۇر يىغىن غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاي، ئۆزبېكىستان، كۇبا، ئىران، بىرما قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەرگە سەھنە بولماقتا. ئامېرىكا بىلەن سلوۋاكىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۈشەنبە كۈنكى يىغىننىڭ ئومۇمى مۇنازىرە قىسمىدا ۋېنگرىيە ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ دۇنيادىكى ئىران، كۇبا، بلۇروسىيە، شىمالى كورىيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلىگەن ئىدى. شۇ قاتاردا ئۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ‏ ۋېنگرىيە ۋەكىلى ئاندېراس دېكانىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى خادىمىنىڭ 2010-يىلى 12-ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى قارشى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە خىتاينىڭ يېقىندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتقانلىقىنى قارشى ئالىدۇ ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا ئىلگىرىلەپ قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتىپ، 13 خىل جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسىنى بېرىشنى بىكار قىلغان ئىدى. لېكىن، ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلار بولۇپ، جىنايەت تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدىغان ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك «جىنايى قىلمىشلار» دا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىڭ يىغىندىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزىنى ئامېرىكا ۋە سلوۋېنىيە ۋەكىلىنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدىگە نىسبەتەن كۆپ يېنىك دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكا ۋەكىلى ئەيلىن چېمبېرلىن دونېخوي يىغىنىدىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  ئەيلىن چېمبېرلىن «خىتاي ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويماقتا. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى تۈرمىگە تاشلىنىشقا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىلى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنماقتا» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ مەزكۇر يىغىن باشلانغان 28‏-فېۋرالدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادى كونترول ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تېڭىشىغا ئەزا بىر دۆلەت تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رەسمىي تىلغا ئېلىنىشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 11‏-چېسلادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پىكىر بېرىش يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش، سىياسىي تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ھوقۇقى ئۇچراۋاتقان ئېغىر بېسىملار ھەققىدە توختالغان ئىدى. يانا براندىت مۇنداق دەيدۇ «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، خىتايدا يالغۇز ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار خالىغانچە تۇتقۇنغا ئۇچراپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرى تۇتقۇنغا ئۇچرىماقتا.

ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسىنىڭ دوكلاتىدا قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر 22 دېلو تەنقىد قىلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا ئوخشاش ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.» يانا براندىت يەنە، خىتاي تۈرمىسىدىكى بەزى سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش ھوقۇقى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئۇ «مەلۇماتلاردىن خىتاينىڭ باشقا خىلاپ قىلمىشى يەنە تۇتقۇندىكىلەرنىڭ مۇۋاپىق داۋالىنىشقا ئېرىشىشى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىدۇر. يېقىنقى مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن مەمەت ئېلى روزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي داۋالىنىشقا ئېھتىياجى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ داۋالىنىشىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى. مەمەت ئېلى روزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن 5-‏‏ئىيۇل تراگىدىيىلىك ۋەقەسىدىن قېچىپ لائوسقا بارغان، لېكىن ئۇ لائوس دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. پرېزىدېنت ئەپەندىم، بىز مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر ھازىرلىغان ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەتلەرنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قوشۇمچە قىلىمىز. دۆلەت بارلىق ئاز سانلىقلارنىڭ ئىقتىسادى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دەپ سۆزلىگەن.

شۇ كۈنكى يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىلىشىدا «ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەر» مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يىغىننىڭ مەزكۇر تېمىغا بېغىشلانغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇزاكىرىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ۋە 2009‏-يىلى 12-ئايدا كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى ئېلىنالمايۋاتقانلىقىنى،، ب د ت نىڭ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىنىنىڭ بەس-مۇنازىرە قىسمىدا سلوۋېنىيە ۋەكىلى فېدور رېسوچا، خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان تور چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ «سلوۋاكىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىندىن بېرى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىپ، مەزكۇر زامانىۋى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇستەقىل ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ۋە ياكى ئەركىن پىكىر بايان قىلغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىن پەرقلىق پىكىرنى ئېلان قىلغان كىشىلەرنى جازالىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.»
لېكىن، ئامېرىكا بىلەن سلوۋاكىيىنىڭ تەنقىدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىندىكى ئىپادىسى خىتاي ۋەكىلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك كېڭىشىنىڭ جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىلى، ئامېرىكا سلوۋاكىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىدۇ.

ئۇ «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە سلوۋاكىيە جۇڭگوغا قارشى ئاسساسسىز تەنقىدلەردە بولدى. ئۇلارنىڭ باياناتى مەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بايانلارنىڭ روھىغا خىلاپ. ئۇلارنىڭ باياناتى ئوبيېكتىپ ئەمەس ۋە ئادالەتسىز. ئۇلارنىڭ باياناتى مېنى سىياسىي تالاش-تارتىشقا يۈزلەندۈرمەكتە. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇلارنىڭ باياناتىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە بۇ تەنقىدنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلار ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىجابىي دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى يىغىنىدا مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا دائىر دوكلاتى مۇزاكىرىگە قويۇلدى ھەم يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەر ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پىكرى ئېلىندى.