تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تەپتىش ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.03.09
dolet-ministiri-zafer-chaghlayan-305.jpgتۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. 2011-يىلى 8-مارت.

RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 6 دا، تۈركىيە خەزىنە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئىشخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى. قوبۇلدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مىنىستىرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

 

parlament-ezasigha-uyghur-mesilisini-anglatmaqta-385.jpg
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئاڭلاتماقتا. 2011-يىلى 8-مارت.
RFA/Erkin Tarim

سېيىت تۈمتۈرك 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا چاغلايان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايانغا ئۇيغۇر تۇمىقى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر خانىم» ناملىق كىتابنىڭ تۈركچىسىنى سوۋغات قىلدى.
 

كېيىن دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قېتىم خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچىدە تۈركىيە سانائەت رايونى قۇرۇش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمپىكىر بولغانلىقىنى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى يەنە ھازىر تۈركىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئاكىف گۈللە، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت، پارلامېنت ئەزاسى لۈتفى ئەلۋان، سالىھ قاپۇسۇز قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۈركىيىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە پۇقرالىققا ئۆتۈشىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلاياننى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنلا خىتايغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يازغان خەتنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچى ئايروپىلان ئىستانسىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان.