2011.03.01
نامزاتلارنى تىزىملاش، 1-فېۋرال كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇلىشىچە، نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ۋىكىلىكس تور بېتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بۇ يىلقى ئىسيانچىلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بار.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋىكىلىكس تورى بېتى، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزاسى سنوررە ۋالەن تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدە، ۋىكىلىكسنىڭ دۆلەتلەردىكى خىيانەتچىلىك، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە قىيىن-قىستاق مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن.
بۇ يىلقى نامزاتلار ئارىسىدا ئىنتېرنېتنى كەشىپ قىلغۇچى دەپ قارالغان ئامېرىكىلىق لارري روبەرتس بىلەن ۋىنت چەرف ۋە ئەنگلىيىلىك تىم بەرنەسس-لەەبار بولۇپ، بۇلارنىڭ بۇ يىللىق ئەرەب ئىسيانلىرىدا مۇھىم رولى بار دەپ قارالغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، سابىق گېرمانىيە باش ۋەزىرى ھېلمۇت كوھل، لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەلەن جونسون ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ نامزاتلار ئارىسىدا بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن. مۇكاپات خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىر مەھەل دىپلوماتىك كېلىشەلمەسلىكلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.