24-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا يېشىللار ۋە سولچىل پارتىيىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.02.25
belgiye-aktipliri1-305.jpg24-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا يېشىللار ۋە سولچىل پارتىيىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

RFA/Pidaiy

بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ سۆھبەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق نارازىلىقىنىڭ خىتايدىكى شولىسى بولغان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى، قەشقەردەك قەدىمىي شەھەر ئىزنالىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئەتكەسچىلىكى، ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچراۋاتقان ئانا تىل مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتى نامزاتى بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەدە مۇزاكىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.

 

belgiye-aktipliri-385.jpg
24-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا يېشىللار ۋە سولچىل پارتىيىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
RFA/Pidaiy

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ بىرلەشمە گۇرۇپپىنى تەكلىپ قىلغان يېشىللار پارتىيىسى، ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى بىرلەشكەن ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلىدى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى باشقا پارتىيىلەرگىمۇ خىزمەت ئىشلەپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالغۇچىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
 

ئۇلار سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇ يەردىكى بىر چايخانىدا قەھۋە ئىچكەچ ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، بۇندىن كېيىنكى ھەرىكەتلەردە بولىدىغان ھەمكارلىقلىرى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتى. دوستلۇقنى كۈچەيتكەن ئاكتىپلار ئۆز-ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشتى.