مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.02.25
ئاتاقلىق ئالىم، تىلشۇناس، شائىر ئىمىن تۇرسۇن ئاكا 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

ئاتاقلىق ئالىم، تىلشۇناس، شائىر ئىمىن تۇرسۇن ئاكا 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىمىن تۇرسۇن ئاكا، 1924-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى، تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدىكى باشلامچى شۇنداقلا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ھۈلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، خەلق قەلبىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى.

ئالىم يەنە كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىمۇ مول نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت» قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلاپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.

ئىمىن تۇرسۇن ئاكا يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنى تەييارلاش، تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان.
ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئاكا 40- يىللاردا راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدە پائالىيەتتە بولدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدىكى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» سىنىڭ 39-قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

قۇرۇلتاي 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن، 21-كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ كانجىيانۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا يەنە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى قاتناشتى.

ھۆججەتلىك فىلىم-«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم -«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا پەيدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئۆيمۇ ‏- ئۆي ئاختۇرۇشقا باشلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆججەتلىك فىلىم پلاستىنكىسى 10-فېۋرالنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان.

ھالبۇكى، لېنتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۈن-سىن دۇكانلىرىدا، كوچا يايمىلىرىدا ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ قولدا بايقالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىردىنلا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تارقىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.

«لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

«لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» 21-فېۋرال باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە بەش نەپەر ئۇيغۇر بارلىقى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.

ماقالىدە يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئاقلانغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.

ماقالە مۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇلغان: «بىز ئامېرىكا قانۇنى بويىچە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر سوت قوشۇلمىسا، بۇ ئەلۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنداق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىدى دېگەندە شۇنچىلىك نەرسىگە ئەرزىيدۇ.»

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 2-قۇرۇلتىيى 23-فېۋرال ئاياغلاشتى

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 2-قۇرۇلتىيى 23-فېۋرال ئاياغلاشتى. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قارمىقىدا بولۇپ، قۇرۇلتاي ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا 21‏-فېۋرال باشلانغان ئىدى.

قۇرۇلتايدا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

قۇرۇلتاي ئاخىرىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىن رابىك ئىسمائىل ۋە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر رەئىسى قەيسەر ئەپەندىلەر ۋېنگرىيە قەلەمكەشلەر رەئىسى يۇنۇس ئەپەندىگە تون ۋە دوپپا كىيدۈردى.

«يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمە قۇرۇق جەسەتلەر قويۇلۇپ قايتا ئېچىلدى

«يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان قۇرۇق جەسەتلەر قويۇلۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى رەسمىي قايتا ئېچىلدى.
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا ئېچىلىۋاتقان «يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئىككى قۇرۇق جەسەت ۋە 130 خىل ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇم قويۇلغان.

ئەسلى 5-فېۋرال ئېچىلىشى پىلان قىلىنغان بۇ كۆرگەزمە خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ۋە تارىمدىن تېپىلغان قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

بىر قاتار سۆزلىشىشلەردىن كېيىن خىتاي قۇرۇق جەسەتلەرنى كۆرگەزمىگە قويۇشقا قوشۇلغان.

كۆرگەزمە ئەسلى بۇ يىل 6-ئايغىچە ئېچىلماقچى ئىدى. ھالبۇكى، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇددىتى ئىلگىرىكىدىن 3 ئايدەك قىسقارتىلغان بولۇپ، كۆرگەزمە پەقەت 28-مارتقىچە ئېچىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى«خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 20- فېۋرال يىغىن چاقىرىپ، «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى. يىغىن ئىستانبۇلدىكى «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە باش رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تەبرىكنامىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە پېشقەدەم تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. بۇ يىغىنغا 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى 20- فېۋرال پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 12-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلىگەن. پائالىيەت سىدنېي شەھىرى لىۋېرپۇل رايونىدىكى مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان، ئارقىدىن سادىر پالۋان قوشاقلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى يادلاپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلىگەن. پائالىيەتتە يەنە، بالىلار، ياشلار ۋە چوڭلار گۇرۇپپىسى بويىچە مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن.

1999-يىلى ب د ت، 21-فېۋرالنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

خىتاي ئالىي سوتى 4 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغان

23- فېۋرال خىتاي ئالىي سوتى 4 نەپەر ئۇيغۇرغا  بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «19‏-ئاۋغۇست ئاقسۇ ۋەقەسى»، ‏«2-نويابىر خوتەن ۋەقەسى» ۋە «29-سېنتەبىر قۇمۇل ۋەقەسى» دە 9 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 15 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاقسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تۇرغۇن تۇردى، ئابدۇللا تۇنيازغا، خوتەن ئوتتۇرا سوتى ئاخنىياز نۇرغا، قۇمۇل ئوتتۇرا سوتى ئابدۇقېيۇم ئابدۇراخمانغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنى تەشكىللىگەن، خوتەن ۋە قۇمۇلدا خىتاي قاتناش ساقچىسى ۋە قوراللىق ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئىكەن.