2011.02.18
رابىيە قادىر قايتا نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى
نورۋېگىيىدىكى لىبېرال پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىدىن ترىن سكى گراندە، بورگىلد تەندەن 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
پارلامېنت ئەزاسى تەندەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتقان: «رابىيە قادىر ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى. ئۇيغۇرلار 1949-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، ئاخبارات، يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئېغىر بولغان زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە.»
بۇنىڭدىن باشقا، تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى كارىن ستاھل ۋولدسېتمۇ رابىيە قادىر خانىمنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى قاراتاغىرلىق 7 ئەرزدارغا قاماق جازاسى بەردى
ئۆتكەن يىل نويابىردا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14-دېۋىزىيىسىگە تەۋە بولغان خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ قاراتاغىز يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلار، پاختا ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان.
دېۋىزىيە دائىرىلىرى بېيجىڭغا كېلىپ ئۇلارنى قۇرۇق ۋەدە بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ 25 نەپەر ئەرزدارنىڭ 7 نەپىرىگە بىر يىلدىن 2 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە مەزكۇر دىۋىزيىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر قاماقخانىسىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر سىراجىدىن ئېزىز، نۇرئابلا نۇرمەمەت، ئابلا ئابلىكىم، ئېلى ھاپىز، ئەخمەت ئوسمان، ئابلەت ئابدۇرېھىم ۋە ئۆمەر سالىھ قاتارلىق 7 كىشىدۇر. 14-دېۋىزىيە قاماقخانىسىنىڭ مەھكۇملار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى قىلمىشىلىرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان.
قاراتاغىزدىكى ئاھالىلەر، 7 نەپەر مەھكۇمنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق بىر خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى، پەقەت دېۋىزىيە دائىرىلىرىنىڭ، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئۈچۈنلا، بۇ 7 كىشىگە قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىگە يىلىغا يۆتكىلىدىغان خىتاي ئىككى يېرىم مىليونغا يېتىدۇ
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەر يىلى ھەر قايسى «ئاز سانلىق مىللەت» لەر رايونلىرىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە كىرىپ سودا-سېتىق، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان «ئاز سانلىق مىللەت» كۆچمەن نوپۇسىنىڭ 10 مىليوندىن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى 2011-يىلىدا يەنە، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن يۆتكىۋېتىدىغان ئادەم قېتىمىنى 1مىليون 800 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، بۇنىڭدىن 800 مىڭ ئادەمنى شەھەرلەرگە يۆتكەشنى پىلانلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ياشلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى بىلەن خىتاي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئەرزان باھادا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ «ئاز سانلىق مىللەت» لەرنى خىتاي شەھەرلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەكىتلەنمەكتە.
شىنخۇا تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىن ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا 2 مىليون 500 مىڭدەك خىتاي دېھقان يۆتكىلىپ كېلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا.
مىسىر خەلقىنىڭ غەلىبىسى ئىران خەلقىگە مەدەت بەرمەكتە
تۇنىس ۋە مىسىرلاردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، نامايىش يالقۇنى يەمەن، بەھرەيىن ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭەيدى.
رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، 14-فېۋرال، دۈشەنبە كۈنى مىڭلىغان نامايىشچى ئىران پايتەختى تېھراندىكى مەركىزىي مەيدانغا توپلىنىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ نامايىش قىلغان، بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتقان، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا كىچىك تىپتىكى توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. يانفون ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن.
2009-يىلى ئەخمىدى نىجات پرېزىدېنت بولۇپ قايتا سايلانغاندىن كېيىن، پرېزىدېنتلىق نامزاتى مىرھۆسەيىن موساۋىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىش قاتتىق باستۇرۇلغان ئىدى.
مىسىر خەلقى ئەركىنلىكىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بۇ ھەپتىدە ئېراننىڭ پايتەختى تەھراندىلا ئەمەس يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
مىسىردىكى نامايىش غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بەھرەيىن پادىشاھى يەكشەنبە كۈنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مىسىردا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 18 كۈن داۋام قىلغان نامايىش 12-فېۋرال مۇبارەكنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن غەلىبىگە ئېرىشكەن ئىدى.
قۇرۇق جەسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلكى قەدىمىي يادىكارلىقلىرى ئامېرىكىدا يەنە كۆرگەزمە قىلىنىىدىغان بولدى
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە «كىچىك مىرەن گۈزىلى» دەپ ئاتايدىغان قۇرۇق جەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىشنى تۇيۇقسىز توختىتىپ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
لېكىن، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىيى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ 18-چىسلادىن باشلاپ كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇزېي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر «كىچىك مىرەن گۈزىلى » قاتارلىق ئۇيغۇر مۇمىيالىرىنى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قەدەر كۆرگەزمە قىلىشقا، لېكىن قالغان ئاسارە -ئەتىقىلەرنى كۆرگەزمە قىلىشنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەن.
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىيىنىڭ باياناتچىسى پەم كوستي دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قانداق مەسىلىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ جەسەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن تۇيۇقسىز يېنىۋېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى.
بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي تەرەپنىڭ كۆرگەزمىنى توختىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب سىياسىي مەسىلىگە چېتلىدىغانلىقىنى، قۇرۇق جەسەتلەر خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان شوئارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىلىقلاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ قارىشىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تۈركىيىگە دىنىي ساھەدىنمۇ ۋەكىل ئەۋەتتى
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەمەت گۆرمەز ئەپەندىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيىگە يېتىپ كەلدى.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار ئىكەن.
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ تۈركىيىدىكى دىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇتۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇلغانلىقىنىمۇ مەلۇم قىلدى. يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ دىنىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى جەھەتتىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن باياناتىدا، خىتايدا 23 مىليون مۇسۇلمان بارلىقى، تۈركىيە بىلەن دىنى جەھەتتىن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دەپ ئېيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئەۋەتىپ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.