دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توربېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى كېلەر ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.02.15

كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تايانچ ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، كۇرس سېدني شەھىرىدىكى ۋودلوف مېھمانخانىسىدا ئېچىلىدۇ. كۇرس داۋامىدا كۇرسانتلار رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پايتەخت كامبېرا ۋە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن ئادېلايد ۋە مېلبورن شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ؛ بۇ جەرياندا شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاۋسترالىيە سىياسەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر كۇرسىنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزگەن، كېيىنكىلىرى كانادا ۋە ئامېرىكىدا ئېچىلغان. بۇ كۇرسلاردا ‏ ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم تەجرىبىلىك سىياسەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر كۇرسانتلارغا خەلقئارا دىپلوماتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا زۆرۈر بولغان مەلۇماتلارنى بەرگەن. يىغىن جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، كۇرسنى ئاۋسترالىيىدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.