مەزكۇر پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرگە مەيدان ھازىرلىماقچىمىز.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.02.10
Qeshqer-uyg-ayallar-matem-3054 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.

AFP Photo

چۈنكى مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى كۆپ ھەم چوڭقۇر، ئەمما ئۇنى ئىپادە قىلىش ھوقۇقى يوق، خۇددى باشقا قوۋم ئاياللىرىدەك ئارزۇ-ھەۋەسلىرى كۆپ، ئەمما ئۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى يوق، ئۇنداقتا ئەركىن سۆز قىلىش، ئازابى ۋە ئارزۇلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىپادىلەشتەك ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەۋەس قىلىدىغان شارائىتقا ئېرىشەلىگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ دەستلىرى ھەققىدە سۆزلەش پۇرسىتى بېرەيلى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىلىرىدىن زۇبەيرە خانىم ۋە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي راھىلە خانىملار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.