2011.02.06

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان، ھازىر ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مارگېرىتا باۋزى خانىم سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە باۋارىيە پرېزىدېنتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا يوللىغان سالاملىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا بولغانلىقىنى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيە مىللەت ۋەكىلى باۋزى خانىمنىڭ تەسىرلىك نۇتقى مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاڭلاتتى ۋە ھەر ساھە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. رابىيە خانىم سۆزلەشتىن بۇرۇن ئەتراپقا توپلانغان مىڭلىغان ئاممىغا رابىيە خانىمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈلدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىشقا ياردەملەشكەن گېرمان زىيالىيسى يانا خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ 5-فېۋرال يۈز بەرگەن بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ۋە دۇنيانىڭمۇ ئېسىگە سېلىپ تۇرۇشنى تەكىتلىدى.
5-فېۋرال غوجا ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دىن 4:30 غىچە داۋام قىلدى.