مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.02.04

30-يانۋار رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا سۆھبەتتە بولدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەكلىپ قىلغان.

سۆھبەتتە بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مەمەت قاپلان ئەپەندى دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كىيىن، رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

29-يانۋار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر نورۋېگىيىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

يەر تۆلەم مەسىلىسى ئۈستىدە بېيجىڭدا ئۆز-ئارا تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان كۇچالىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۇچالىق ئەرزدارلار 2-فېۋرال ئۆز-ئارا كېلىشىپ، يۇرتلىرىغا بىرلىكتە قايتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەرزدارلار ۋەكىلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسىدىن مەلۇم دەرىجىدە ۋاز كەچكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭمۇ تۇتۇۋېلىنغان تۆلەم پۇلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى قايتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇچانىڭ ئاغۇ يېزىسىدا 50 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇلارغا بېرىلگەن يەر تۆلەم پۇلى تولۇق بېرىلمىگەنلىكتىن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا 3 نەپەر دەۋاگەر بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى 30-يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى «دۆلەت مەخپىيەتلىك قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا، مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» جەريانىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى 10 يىلدا ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پىلانغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90% ئى خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدىكى مەزكۇر سىياسەتكە قارشى تەدبىر ئېلىشنىڭ، ئەڭ مۇھىم ۋە تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇر تۈركىيىدىكى 18-نۆۋەتلىك بىئولوگىيە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، تۈركىيە بويىچە بىئولوگىيىدە ئەڭ ياخشى 20 ئوقۇغۇچى قاتارىغا كىرگەن.

ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇر تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسى شاھزادە مەمەت ئاناتولىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى 15 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىكەن.

مەكتەپ مۇدىرى ئولغۇن گىراينىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇر بۇ قېتىم مانىسا ئۆلكىسىگە ۋاكالىتەن خەلقئارالىق بىئولوگىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق كۇرسىغا تاللانغان.

1-فېۋرال مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى نامايىشچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

100 مىڭغا يېقىن نامايىشچى، قاھىرەدىكى تەھرىر مەيدانىغا توپلىنىپ، پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنى مىسىردىن يوقىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەرلەردە، نۆۋەتتە مىسىردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

9 كۈندىن بۇيان مىسىردا داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ يالقۇنى يەمەن قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىگىمۇ تۇتاشقان.