2011.01.28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېلگىيىدە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فرانسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېلگىيىدە پائالىيەتلىرىنى ئاشلىدى.
ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىتېتىدىكى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى دوكلات قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە كەلگەن ۋەكىللىرى 20-يانۋار گوللاندىيە پارلامېنتىدا ۋە 23، 24 -يانۋار فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيىدە «غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يىغىن بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتى يىغىن زالىدا ئېلىپ بارغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىننى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى فرېيدا خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەت تەشكىلاتى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرگەن ۋە شەھەر مەركىزىگە بىنا سېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى.
بۇ يىغىن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە خەلقئارادا چاقىرىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بېلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى 2011- يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى خىتاي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر پاش قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز قاتارلىقلارنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
25- يانۋار 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەرزدار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ب د ت ئىشخانىسى ئالدىدا ئىككىنچى قېتىم توپلاندى
ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە ئەرز-شىكايەتلىرىنى ب د ت غا يەتكۈزۈش يولىنى تاللىغان ئىكەن.
بۇندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇنمۇ بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن 8 نەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن ب د ت ئىشخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئىدى.
كۇچا ناھىيىسى ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز يېزىسىغا تەۋە ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ كېتىش تىرىشچانلىقى ئاقمىغاندىن كېيىن، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئىككى ھاكىمى بېيجىڭغا كەلدى
ئاغۇ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى بۇ يېزىدىكى 56 ئائىلىنى تېرىلغۇ يېرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىغان. بۇ ئائىلىلىكلەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىگىلىۋالغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ 3 ۋەكىلى بىر ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭغا كېلىپ، بۇ ئەھۋالىنى بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا شۇنداقلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇم قىلغان ئىدى.
كۇچا ناھىيىسى ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرى بۇ دېھقانلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەرزدارلارنى كېتىشكە ئۇنىمىغاندىن كېيىن، كۇچانىڭ ھاكىمى يۈسۈپجان ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ئاتاۋۇللا 24 – يانۋار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن.
ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستاندا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە قارشى، 25- يانۋار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق تاجىكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
نامايىشنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر ۋە تۈرك قوللىغۇچىلار بولۇپ 500 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.
ئابدۇلخەمىت قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تۈرك پۇقراسى بولۇپ، بۇلارنىڭ تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
نامايىشتىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.