ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ گوللاندىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ۋە خىزمىتى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.01.26
duq-ehberliri-gollandiyediki-uyghurlar-bilen-ittipaqliq-hatirisi-qaldurdi-305.jpgدۇق رەھبەرلىرى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاقلىق خاتىرىسى قالدۇردى. 2011-يىلى 21-يانۋار.

RFA/Pidaiy

گوللاندىيىدىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلار ۋە جامائەتلەر ئارىسىدا بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدىكى بىر ھەيئەت تەشكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىققا خاتىمە بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەيئەت «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» قاتارلىق ئۇزۇندىن بىرى مەۋجۇت بولغان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تاللانغان؛ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، تەپتىش، ئىقتىساد باشقۇرغۇچى ۋە دىنىي يېتەكچىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، 9 كىشىدىن تەركىب تاپتى.

ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئورتاق تەشكىللەنگەن ھەيئەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، قالغان ئىككى تەشكىلات نازارەت ۋە ھەمكارلىقتا بولىدىغان. گوللاندىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلاردىن «ئۇيغۇرلۇق بەدەل» پۇلى يىغىلىدىغان، «ئۇيغۇرلۇق بەدەل» پۇلى بىرلەشمە ھەيئەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ئورتاق ئىشلار ۋە پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىدىغان، «ئەزالىق بەدەل» پۇلى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەشكىلىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان، تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا ئەزالىرىدىن «ئەزالىق بەدەل» پۇلى يىغالايدىغان، ئۇيغۇرلارمۇ ئەزا بولۇشتا خالىغان تەشكىلاتنى تاللىيالايدىغان بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.