2011.01.24

رابىيە قادىر خانىم كىرىش سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: سوغۇققا ۋە يولنىڭ ئۇزاقلىقىغا باقماستىن، بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت.
ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۇمتۈرك ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىتتىپاقلىشايلى!»
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورنى گوللاندىيە بولۇپ قالغۇسى… » دېدى.
د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇل مۇدىرى پەرھات يورۇڭقاش: «ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىگە نىسبەتەن بىر مۇھەببىتىمىز، ۋەتەن-مىللىتىمىزنىڭ دەۋاسىغا نىسبەتەن بىر بەدىلىمىز بولمىسا، ھايۋاندىن پەرقىمىز يوق.» دېدى.

رەھبەرلەر 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنى شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرك مىللەت ۋەكىلى ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەپەندىنىڭ پائالىيەت زالىدا كەچلىك زىياپەتكە داخىل بولدى.
زىياپەتكە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك سىستېمىسىدىكى ھەرساھە بىلىم ئادەملىرىدىن نەچچە يۈز ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار گوللاندىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى غوللۇق ئادەملەردىن ئىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك رابىيە خانىمنىڭ شەرىپىگە سۆز قىلدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.
رەھبەرلەر بۇ زىياپەتتىن قايتىپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن كەچلىك يېغىن ئۇيۇشتۇردى.