خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.01.19

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى گۇرۇپپىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىشخانىسى، خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى 18-19- يانۋار كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سەھىپىسىدە يەنە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ھەم ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىدىن پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى ئېلان قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى گۇرۇپپىسى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان ۋە پرېزىدېنت ئوبامانى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت جەريانىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.