2011.01.18
خۇ جىنتاۋ يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى گۇرۇپپىسى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبىتى داۋامىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى.
ئاخبارات يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ۋۇ خوڭدا قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ نۈۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۈگۈن يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالغۇچى گۇرۇپپىلارمۇ، تەشكىللىنىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون بىر خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئەگەر خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىشقا چىقسا، يول كىراسى ۋە تاماق پۇلىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاي توربەتلەردىكى بۇ ھەقتە ئىنكاسلاردا، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنى قارشى ئېلىش پائالىيەتلىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسىدىن پۇل ئالىدىغانلىقىنى، بۇ پۇلنى نامايىشقا چىققانلارغا ياردەم سۈپىتىدە تارقىتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.