2011.01.16
ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» دەپ ئاتالغان خرىستىئان دىنى تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ فرانك ۋولف، جەيمىس ماكگوۋېرن، جېسسە جەكسون قاتارلىق 32 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئىمزالىق خېتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«خىتاي دائىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى داۋاملىق ئۆسۈۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا كىرگەنلىكى بىلەن ماختانسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئەقەللىي ئۆلچەملەرنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلماقتا. يېقىنقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدىكى مەزگىلدە ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى بۇ نۇقتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلايدۇ.»
32 نەپەر مەجلىس ئەزاسى پرېزىدېنت ئوبامادىن خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە كونكرېت ھالدا ليۇ شاۋبو، گاۋ جىشېڭ، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى قويۇپ بېرىش، شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇۋېتىشنى توختىتىش، دىنىي ئېتىقاد، سۆزلەش ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار خېتىدە يەنە ئوبامانىڭ «ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن ئېنىق ۋە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش» نى تەكىتلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.