14- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، جەيمس ماكگوۋېرن قاتارلىق 32 نەپەر ئەزاسى پرېزىدېنت باراك ئوباماغا بىرلەشمە خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 19-20-يانۋار كۈنلىرى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن ئېنىق ۋە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.01.16

32 نەپەر مەجلىس ئەزاسىنىڭ مەزكۇر خېتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، باراك ئوبامادىن رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەنگەن:

«ئۇلار خىتايدىكى ليۇشاۋبو، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىق بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك، بۇ ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە ئۇيغۇر رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارمۇ بار.»

خەتتە يەنە «رابىيە قادىرنىڭ ئىككى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ھازىر شىنجاڭدا سولانماقتا. دائىرىلەر ئويدۇرما جىنايەت بىلەن ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىن قىزى روشەنگۈل ۋە 9 نەپەر نەۋرىسى داۋاملىق تۈردە دەخلى-تەرز ۋە قورقۇتۇشقا ئۇچرىماقتا»، دەپ يېزىلغان.

32 نەپەر مەجلىس ئەزاسىنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق  خېتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىملىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنغان:

«دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، بۇ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەربابلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دىنىي ۋە روھانىي تەشكىلاتلار، مەسىلەن ئائىلىۋى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارغا داۋاملىق دەخلى-تەرز قىلماسلىقى لازىم.»

18-يانۋار كۈنى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن  خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىككى نەپەر دۆلەت مەجلىس ئەزاسى، كىرستوفېر سمىت بىلەن فرانك ۋولف  خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.