2011.01.15
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلىشقا، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى، تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلارنىڭ تەشكىلاتى قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئاقساراينىڭ ئالدىغان پىيادە يۈرۈش قىلىش قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
تەيۋەن ئامېرىكا جەمئىيەتلىرىمۇ ئاقساراينىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش رۇخسىتى ئالغان.
بۇ نامايىشلارنىڭ بىرلىكتە ياكى ئايرىم- ئايرىم ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارىدىغان نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.