ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى مىنىستىرلىق بىناسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. كلىنتون خانىم، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان نازۇك بىر مەزگىلدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «سۇ بۆلگۈچ پەيتتە» تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.01.14

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، 21 ‏- ئەسىردىكى ‏دۇنياۋى كۈچ بولۇش سۈپىتىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئۇ خىتاينى قاماقتىكى ئۆكتىچىلەرنى، جۈملىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، تىنچ يوللار ئارقىلىق ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە 2008‏.ئاساسى قانۇن نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلار ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىماسلىقى ھەم جازاغا تارتىلماسلىقى لازىم، دەپ كۆرسەتتى.

كلىنتون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئەركىنلىكنى باستۇرۇشى، ليۇ شاۋبونىڭ ئوسلودىكى ئورنىنىڭ بوش قالدۇرۇلۇشى، خىتايدەك بۈيۈك بىر دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى بايقىيالماسلىق ۋە ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش خىتاينى «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋنىڭ 19 ‏- يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق 9 تەشكىلات ئاق سارايغا خەت يېزىپ، ئوبامادىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئاق ساراي باياناتچىسى روبېرت گىبس ئوباما بىلەن خۇ جىڭتاۋنىڭ ئۇچۇرۇشۇشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئوبامانىڭ سىياسىي ئىسلاھات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.