ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ بۆشۈكى سانىلىدىغان، 110 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن، غۇلجا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا خىتاي مەكتىپىگە مەجبۇرىي قوشۇۋېتىلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن
2011.01.10
Xoten-qosh-til-mek-maw-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ – ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.

AFP Photo

غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1901-يىلى مەرىپەتپەرۋەر باي سودىگەر ھۈسەيىنبەگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپى دەپ ئاتالغان. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ نامىنى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتكەن.

غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ بىر ئەسىردىن ئارتۇق شانلىق مائارىپ مۇساپىسىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمان شېھىتلىرىدىن رىزۋانگۈل، ئانا يۇرت، ئىزدىنىش، تاغ كەينىگە ئۆتكەندە، ئابرال شاماللىرى قاتارلىق نادىر رومان ۋە پوۋىستلارنىڭ ئاپتورى زوردۇن سابىر، ئەل سۆيگەن ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مېدىتسىنا ئالىمى ئادالەت قاسىمى، ھازىرقى ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق قورچاق ئەمەلدارلىرىدىن ئابلەت ئابدۇرېشىت، ماھىنۇر قاسىم شۇنىڭدەك چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان بىر تۈركۈم سەركىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەندىن باشقا، ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالغان، ئەمما 60 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ مەركەزدىن كەلگەن ھەر خىل خىتايچە ئەمىر‏-پەرمان ۋە ھۆججەتلىرىنى قىلچە خاتاسىز ھالدا يەرلىك خەلققە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان، خىتاينىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە قوش تىلدا خىزمەت قىلالايدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشكىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتاي مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ 2-ئوتتۇرا ئۇيغۇر مەكتىپى دېگەن نامنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، غۇلجا شەھىرىدە زور غۇلغۇلا ۋە نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ۋەقەنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شۆھرەت نىغمەتنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ۋە يەرلىك گېزىت ۋە تور بەتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىسى، ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى زۇبەيدە شەمشىدىن خانىم ئۆز ئانا مەكتىپى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر تراگېدىيە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 6-ئوتتۇرا خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىمگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىليار شەمشىدىن ئەپەندىمۇ غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجرا قىلىنىشى» دېدى.

غۇلجا شەھىرىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپتىكى خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى بىر قەدەر ئاجىز ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىشقا چىقىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا قىلىنغان بۇ ھاقارەتكە چىدىمىغان مەكتەپ مۇدىرى شۆھرەت نىغمەت خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، غۇلجا شەھىرىدە كىچىك بىر ئاشخانا ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان.