2011.01.07
84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا بېيجىڭدىن يەنە تۇتۇپ كېتىلدى.
ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا يەر دەۋاسى بىلەن 12 -قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.
ئۇ ئەرزىنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن جۈمە كۈنى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئەرزى بايان قىلىنغان تاختا ۋە ۋاراقلىرىنى سومكىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇشىغا، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ بېجىرىش ئورنى»دا 2 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى يۇرتىغا قايتۇرۇلغان.
يېڭى مەيدان باشلىقى ئابدۇرېھىم ئاكىدىن تارتىۋېلىنغان 220 مو يەرنىڭ 70 موسىنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئابدۇرېھىم ئاكا 220 مو يېرىنى تولۇق قايتۇرۇۋالماي تۇرۇپ ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە 12-قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.
«ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى شەرقىي تۈركىستانغا ئاتاپ چىقىرىلدى ۋە ژۇرنالغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەت خاتىرىسى كىرگۈزۈلدى.
«ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى2011-يىلىدىن باشلاپ چىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال تۈركىيىدىكى «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت» ۋەخپە تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ.
بۇ ئىنتېرنېت ژۇرنىلى بولۇپ، تۇنجى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن. خەرىتە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەن.
ژۇرنالنىڭ بۇ سانى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتالغان بولۇپ، ژۇرنالغا «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان»، «خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، قاتارلىق 10 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن. ژۇرنالدا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن زور ھەجىمدىكى بىر سۆھبەت خاتىرىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 2009- يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسىدىن 120 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەشكە يۆتكىگەن.
«قەشقەر خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىلىشىچە، پەيزاۋات ناھىيىسىدىن بۇ يىل بېشىدا يەنە 680 ئۇيغۇر ياش جېجياڭ ئۆلكىسىگە يۆتكىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ناھىيىدىن بۇ مەۋسۇم ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى 800 گە يەتكۈزۈلىدىكەن.
خەۋەردە بۇ ياشلارنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى»ياگېر» كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا 6 ئاي تەربىيىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2004- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى» نى يولغا قويغان.
2009- يىلدىكى «26- ئىيۇن» شاۋگۇەن ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مەزكۇر سىياسەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ ۋەقە 2009- يىلدىكى «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
1- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە ياپونىيىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە تولىمۇ نەتىجىلىك بولدى.
غەيرەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا زور تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇر ئېدىت» ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تۈزگەن ۋە خەلقئارادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئوچۇق مەنبەلىك پروگراممىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
غەيرەت توختى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى ياماتو شەھىرىدىكى بىر يۇمتال شىركىتىدە خىزمەت قىلماقتا.
غەيرەت توختى كەنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى.
2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلەندى.
مۇراسىم تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان «بابى ئالەم» خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
مۇراسىمدا يەنە ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەلا ئوقۇۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات بېرىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنى خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى 2009-يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئىدى.
تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە كۇچانىڭ ئاغى يېزىسىدىكى 50 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان.
ھالبۇكى مەزكۇر دېھقانلارغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلى دائىرىلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، مەزكۇر يېزىدا ئېچىلماقچى بولغان بىر كۆمۈر كاننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 50 نەچچە ئائىلىنىڭ 150 نەچچە مو تېرىلغۇ يېرى تارتىۋېلىنغاندىن باشقا بىر قانچە ئائىلىلىكنىڭ قورۇ-جاي ۋە باغ-ۋارانلىرى چېقىلىشقا توغرا كەلگەن.
بۇلتۇر قۇرۇلۇش باشلاش مەزگىلىدە، بۇ ئائىلىلەرگە 7 مىليون يۈەن پۇل بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىپ، بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى بۇزۇپ تاشلانغان. ئەمما، پۇل تولۇق بېرىلمىگەن.
ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرى دۆلەتتىن بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئېلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «ئىستىقلال» رادىئو-تېلېۋىزىيىسى، 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنى تارىختا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان تارىخىي كۈندە رەسمىي ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى.
«ئىستىقلال» رادىئو – تېلېۋىزىيىسى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى خەلقئارا خەۋەرلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۈندىلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە.
«ئىستىقلال» رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋارىس ئەپەندى، بۇ تور تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 139 نەپەر خىتاي كادىر 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.
مەزكۇر كادىرلار خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كۈچەپ يۈرگۈزۈۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت ئاقسۇغا كەلگەن كادىرلار جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يۆتكەلگەن بولۇپ، بۇ كادىرلار ئاقسۇغا كېلىشتىن ئىلگىرى تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009- يىلدىكى «5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» نى ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە خادىم ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرىگە يەنىلا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.