خىتاينىڭ فەزىلەت ئەكبەر قاتارلىق 3 قىزغا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىك خەۋىرى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «ھۈررىيەت» ۋە «يېڭى ئاقىت» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.01.06
Urumqide-Uyghurgha-sot-olum-jazasi-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺯ ﺳﻮﺕ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، «5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ»ﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 6 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

www.subaonet.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۇلار بىرى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خەلقئارا قانۇن ئالدىنقى پىلاندا تۇرماقتا. ئەگەر خىتاي مەدەنىي دۇنيانىڭ بىر پارچىسى بولىمەن دېسە قانۇنسىز، ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ئىجرائاتلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلغان نەرسە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى دەپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە كۆز يۇمۇشى. ئىراندىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزالار توپلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى، خىتاي ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ نېمە دېمەيۋاتىدۇ. مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمەن.»

تۈرك پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى كۆڭلىمىزنى قاتتىق يېرىم قىلماقتا. تۈرك ھۆكۈمىتى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك. خىتاينى ئەيىبلىشى كېرەك.»

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 3 قىز ھەققىدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بەردى. ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىدىن شەۋكەت كۆسە، ئابدۇلقادىر ئاقچان ۋە شەنول بال قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.