2011.01.04

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1994-يىلى دۆلەتنى پارچىلاش ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا، «ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى» ھەم «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزى» تەرىپىدىن 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىم 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
«ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى» نىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كاتىپى كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خادا ئەپەندىنىڭ 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەييارلىق خىزمىتى بۇلتۇر 10- ئاي مەزگىلىدە باشلىنىپ، خادا ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇشتىن 2 كۈن ئىلگىرى يەنى 2010- يىلى 8-دېكابىر تاماملانغان.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى خادا ئەپەندىنىڭ 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:» خادا ئەپەندى تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇل خەلقىنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ھەم ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى خادانى › دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى › بىلەن ئەيىبلەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خادا ئەپەندى خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلار ئىچىدە جازا مۇددىتى قىسقارتىلمىغان بىردىن-بىر كىشى. ئۇ، خىتاي تۈرمىسىدىكى مەزگىلىدە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە يەنىلا نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بىز ›ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى › ھەم ›جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزى › بىرلىكتە خادا ئەپەندىنى 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتۇق.»
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى خادا ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خادا ئەپەندىنىڭ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 10- كۈنى ئەركىنلىككە چىقىشى كېرەك بولسىمۇ يەنىلا نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ خادانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇ بىر ئايدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىچكى موڭغۇلدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا نەزەربەند قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، خادانىڭ تېخىچە يېقىن تۇغقانلىرى ھەم دوستلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەت قاتارلىق خەلقلەرنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى ھەم ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:»بىز موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە مەجبۇرى تېڭىۋاتقان جۇڭخۇا مەدەنىيەت بىرلىكىنى قوبۇل قىلمايمىز. بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تارىخمىز، ئۆرۈپ-ئادىتىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئېتىقادىمىز بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدىن بۇيان بۇ مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئۇلار جەنۇبىي موڭغۇلىيە، شەرقىي تۈركىستان، تىبەتكە توختىماي خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلمەكتە. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتقان بۇ زېمىندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 70-80% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن چەكلەش، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىن › قوش تىللىق مائارىپى › نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنى تېڭىش ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز ھازىر موڭغۇل ياشلىرى خىتاي مائارىپىنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى تېزلىكتە ئەنئەنىۋى موڭغۇل مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا موڭغۇللارغا قاراتقان بۇ سىياسەتنى ھازىر ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىز موڭغۇللار بىلەن تەقدىرداش. شۇڭا بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىز، ئېتىقادىمىز، تىلىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتقانلار نۇرغۇن. دالاي لاما تىبەتلىك، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، مىللىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. خادا ئەپەندىمۇ موڭغۇل مىللىتىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مىللىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى.»
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا نۆۋەتتە موڭغۇللارنىڭمۇ ئۆز مىللىي كىملىكىنى، مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان جۇڭخۇا مىللىتى ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.