2010.12.21
ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2007- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. رادىئومىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى شۇنداقلا ساقچى دائىرىلىرى ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشقا زورلىغانلىقى، ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا سولانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەن ئىدۇق.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، ئابلىكىمنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۆز باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىمنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، » ئابلىكىمگە قارىتىلغان قىيىن - قىستاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى پاكىتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ » دېگەن.