2010.12.17
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 12- دېكابىر ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 40 نەپەر ئالىي مېھمان قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن.
رابىيە قادىر خانىم مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ۋە نورۋېگىيىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان.
رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلمەكتە.
20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا خەلقئارادىكى 60 نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە ئىمزا قويغان.
باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەزىيەتتىن قورقۇپ رايوندىن قېچىش ۋە باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسى ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلىشى ھەمدە ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك » دېگەن.
كامبودژا ھۆكۈمىتى » 5- ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن كامبودژاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن 20 ئۇيغۇرنى 2009- يىلى 19- دېكابىر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە دۇنيا خاراكتېرلىك غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ، تۈرمىدىكى يالغۇز كامېر: باسقاقخانىغا قامالغان.
تۈرمىدىكى باسقاقخانا، » قاراڭغۇ ئۆي» ياكى «يالغۇز كامېر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم تۈرمىدە نامەلۇم بىر ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغان. ئابلىكىم ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى باسقاقخانىغا قامىغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىدا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي؛ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرەھىملەر تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زات ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا قارشى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.
بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدىن 140 ئادەمنى قولغا ئالغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەنە بىر قىسىم جايلىرىدا بولسا، دىنىي زات ۋە گۇرۇھلارغا قارشى مەدەنىيەت ئىنقىلابى شەكلىدىكى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، «مەزكۇر سىياسەت ئۇلارنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە » ئۇيغۇر بولغانلىق گۇناھمۇ» ناملىق ئوچۇق خەت يوللاپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
مەكتۇپ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يوللانغان.
ئۇلار مەكتۇپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشسىز ۋە نامرات ياشاۋاتقانلىقى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ مەكتۇپقا، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمزا قويغان.
خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇرو ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ 9 – دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىگە «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشنى قايتا تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىنغا جۇ يۈنكاڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، نۆۋەتتىكى باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە نۇر بەكرى قاتارلىقلار قاتناشقان.
جۇ يۈنكاڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، » يەرلىك ھۆكۈمەت تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.» دېگەن.
مەزكۇر يىغىنغا ۋاڭ لېچۈەننىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنىڭ قايتا تەكىتلىنىشى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتايدىكى 10 چوڭ قېزىلما بايلىق بازىسىنىڭ 6 سى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى شۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى «قېزىلما بايلىقلار توپلانغان يېڭى رايون» غا ئايلانغان.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى»دا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاي زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 900 ئورۇندا قېزىلما بايلىق بايقالغان ۋە كانلار ئېچىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قېزىلما بايلىقلارنىڭ ھەسسىلەپ قالايمىقان ئېچىلىشى، يەرلىك ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.
خەۋەردە بۇ خىل ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان.
2010- يىلى 9-دېكابىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى.
مەشرەپنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر مەشرەپ ئانسامبىلى» قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. مەشرەپ «تېروپىن» تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەشرەپكە گوللاندىيىلىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مەشرەپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ، ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر يېمەكلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.