2010.12.13
ئامېرىكا قوشما شتاتى ئاۋام پالاتا رەئىسى نانچي پەلوسى خانىم رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سىيىتوف ئەپەندى بىلەن ئوسلودا 2010 يىللىق نوبېل مۇكاپات يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بۇرۇن كۆرۈشتى.
بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر بېشارىتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا شەرەپ ۋە ئۈمىد بېغىشلىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ 12 – دېكابىر ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ 13 – دېكابىر ئىستانسىمىزغا كېلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى مۇھىم دەقىقىلەردىن ئۇيغۇر خەلقىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە ۋە بۇ جەرياندىكى تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر قانداق خۇشخەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇنى رادىئو كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىز.