2010.12.13
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 40 نەپەر ئالىي مېھمان قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن.
رابىيە قادىر خانىم مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ۋە نورۋېگىيىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، مۇراسىمدىن كېيىن نورۋېگىيە پادىشاھى بەرگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشقان ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن داڭلىق كىنو چولپىنى دەنزەل ۋاشىنگتون بىلەن كۆرۈشكەن.
دەنزەل ۋاشىنگتون رابىيە قادىر خانىمغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
رابىيە قادىر خانىممۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلمەكتە ئىدى.