ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئالاقە قاناللىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ تۈرمىدىكى يالغۇز كامېر: باسقاقخانىغا قامالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010.12.13

تۈرمىدىكى باسقاقخانا، » قاراڭغۇ ئۆي» ياكى «يالغۇز كامېر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «ئۇلار كۆزۈمنىڭ كور، قۇلىقىمنىڭ گاس بولۇشىنى تەلەپ قىلىشماقتا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم تۈرمىدە نامەلۇم بىر ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغان. ئابلىكىم ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى باسقاقخانىغا قامىغان.

ئابلىكىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم باسقاقخانىغا قامىلىشتىن ئىلگىرى تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىدا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي؛ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرەھىملەر تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.