2010.12.10
جاگلاند ليۇ شاۋبونىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا تۆۋەندىكى مېھمانلار گۈلدۈراس ئالقىش ياراتقان. لېكىن، مۇراسىمدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پەلۇسى، رابىيە قادىر خانىم، ياڭ جيەنلى، خوڭكوڭ دېموكراتلىرىدىن خې جۈنرېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدۇر.
جاگلاند، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەكچى ئەمەسلىكىنى، لېكىن نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇ پىرسەنتتىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ھوقۇق ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ » دۇنياغا ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھوقۇق، ناھايىتى زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن» دېدى. جاگلاندنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «ليۇ شاۋبو پەقەت خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى قوللانماقچى بولدى. ئۇنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرى خاتا ئەمەس شۇنداقلا ئۇ گۇناھسىزدۇر. شۇڭا ليۇ شاۋبو قويۇپ بېرىلىشى كېرەك». لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلغان شۇ كۈنى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، نوبېل كومىتېتىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە ھەر قانداق ئادەم ۋە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ نوبېل مۇكاپاتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.