2010.12.10
ئۇ، رادىئويىمىزنىڭ ئوسلودىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىگە مەزكۇر نىزامنامىگە ئىمزا قويۇش ھوقۇقى بېرىلسە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەزكۇر نىزامنامىگە ئىمزا قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر قىسىم ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان 2008. نىزامنامىسى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئوسلودا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلار 2008. نىزامنامىسىنىڭ ئاساسى روھىنى چۈشەنسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈرلۈك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇپ، ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر رەھبىرى بولۇش سۈپىتىدە ليۇ شاۋبونىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بىر خىتاي ئۆكتىچىسىگە بېرىلىشى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم بۇ يىللىق نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ تەكلىپى ۋە بۇ تەكلىپىنى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ياڭ جيەنلىگە ھاۋالە قىلىشى ئارقىسىدا مەزكۇر مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ 8- چېسلا ئوسلوغا يېتىپ بارغان ئىدى.