2010.12.06

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 10 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرىدۇر. يېقىندا نوبېل كومىتېتىنىڭ رەسمىي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئوسلوغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوسلودا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئېمبارگو قويۇشى سەۋەبىدىن مۇراسىمغا كىملەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ قاتنىشىپ، كىملەرنىڭ قاتناشمايدىغانلىقى خەلقئارا جامائەت پىكرى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. نوبېل كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا بۇ يىللىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبو نامىدىن 50 كىشىلىك تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەن. ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 10 - دېكابىردىكى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى ۋە بىردىن بىر ئۇيغۇر رەھبىرى. ئۇ يېقىندا نوبېل كومىتېتىنىڭ رەسمىي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان مۇراسىمغا قاتنىشىشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلماقتا. رابىيە خانىم سەيشەنبە كۈنى ياردەمچىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوسلوغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ، ئوسلوغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوسلودا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئوسلودىكى 3 كۈنلۈك پائالىيەت داۋامىدا 9 - چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشقا قاتنىشىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان 10-چىسلادىكى مۇھاكىمە يىغىنى ھەم مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى پائالىيەت كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ يەنە، 11- چېسلا ليۇ شاۋبو ھەم 2008 -نىزامنامە ھەرىكىتى، نامىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. رابىيە خانىم مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش يولىدىكى ھەرىكىتى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە، مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبو تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقتىن، ئايالى ليۇ شيا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغانلىقتىن مۇكاپاتنى كىمنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشى، مۇراسىمدا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن كىمنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇراسىمدا بۇرۇنقىدەك مۇكاپات ساھىبى كېلەلمىسە ئامانەتنى مۇكاپات ساھىبىنىڭ ئايالى ۋە ياكى يېقىن تۇغقىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ ئورنىغا مۇراسىمدا نورۋىگىيىلىك ئاتاقلىق سەنئەتچى لىۋ ئۇلمان ليۇ شاۋبونىڭ ئەسەرلىرىدىن بەزى پارچىلارنى دېكلاماتسىيە قىلىدىكەن. بۇ نوبېل كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، بۇ مەزكۇر كومىتېتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىدۇر.
بۇرۇن نوبېل كومىتېتى 1975 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاندرېي ساخاروفقا بەرگەندىمۇ، بۇ خىل ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمىگەن. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ساخوروفنى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئوسلوغا بېرىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان.
ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ياڭ جيەنلىگە ھاۋالە قىلغان. ياڭ جيەنلىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ليۇ شيا نەزەبەنت قىلىنىشتىن بۇرۇن ئەگەر ئۆزى مۇراسىمغا قاتنىشالمىسا، چەتئەلدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇراسىم نۇتقى ھازىرلاپ، «بېيجىڭ باھارى «ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلغان. لېكىن، نوبېل كومىتېتى ليۇ شيانىڭ ھاۋالىسىنىڭ قانۇنى رەسمىيىتى يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ، بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلمىغان ۋە نورۋىگىيىلىك سەنئەتچى لىۋ ئولماننى مۇراسىمدا ليۇ شاۋبونىڭ ئەسىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇڭا 10 - چېسلا پەقەت مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇكاپات بۇيۇمى ۋە مۇكاپات سوممىسى تارقىتىلماسلىقى، نوبېل كومىتېتى ئامانەتلەرنى مۇكاپات ساھىبىغا ۋاكالىتەن ساقلاپ قويۇشى مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەند قىلىپلا قالماي، مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دەپ قارالغان بەزى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى چەكلىگەن. باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن ئوسلودىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇراسىمغا قاتناسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە، خىتايدىكى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ليۇ شاۋبو ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا دائىر خەۋەرلەرنى بەرمەسلىك ۋە ياكى بۇ خىل خەۋەرلەرنى بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسى 1 - قانىلى ۋە 2 - قانىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ،» ئۇلارنىڭ خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش كىنىشكىسىنى ئۇزارتىش ياكى ئۇزارتماسلىق، ئوسلودىكى ۋەقەنى قانداق خەۋەر قىلىشنى قارار قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى»نى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ رادىئو -تېلېۋىزىيە ئاخبارات بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى. رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇراسىمنى بايقۇت قىلىش يولىدىكى تۈرلۈك ھىلە-نەيرىڭى ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىگە پەقەت ياراشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
10 - چىسلادىكى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى خانىم، سابىق چىغ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل، سابىق پولشا پرېزىدېنتى ۋاۋىسا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىسىتوفىر سىمىت، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق شەخس ۋە ئەربابلار بار. نەنسى پەلۇسى خانىمنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى زور. لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى نەۋى پىلاينىڭ مۇراسىمغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ياڭ جيەنلى نەۋى پىلاينى تەنقىد قىلىپ» نەۋى پىلاي ۋە ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خىتاينىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمىسا، ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى، نەۋى پىلاينىڭ قارارىنى بولسا «كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئاشكارا باش تارتقانلىقتۇر» دېگەن. ياڭ جيەنلى يەنە «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ نەتىجىسى»دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى ياڭ جيەنلىنىڭ تەنقىدىگە رەددىيە بېرىپ، نەۋى پىلاينىڭ بېسىمغا باش ئېگىپ مۇراسىمغا قاتنىشىشتىن باش تارتقانلىقىنى رەت قىلدى. پىلاينىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، نەۋى پىلاينىڭ 10 -دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى جەنۋەدە پائالىيىتى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئوسلوغا بېرىشقا يار بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.