دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراسىمدىن 2 كۈن بۇرۇن ئوسلوغا بېرىپ، بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.12.03

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، نوبىل كومىتېتىنىڭ رەسمىي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان رابىيە قادىر خانىم 10 ‏- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدىن 2 كۈن بۇرۇن ئوسلوغا يېتىپ بارىدىكەن. بۇ رابىيە خانىمنىڭ تۇنجى قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىدۇر.

ئالىم سېيىتوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئوسلودا 9 – چېسلا ياڭ جيەنلى قاتارلىق دېموكراتىك خىتايلار بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ ۋە ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتنىشىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنىشى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نورۋېگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاستىلاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىلەپ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن، نوبىل كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى گېير لۇندىستاد، قانداق مېھمانلارنى چاقىرىشقا مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى، كومىتېت مۇكاپات ساھىبى ۋە ياكى مۇكاپات ساھىبىنىڭ ھاۋالىچىسى تەمىنلىگەن تىزىملىككە ئاساسەن تەكلىپنامە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەنلىكتىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئايالى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقتىن، 10 ‏- دېكابىردىكى مۇراسىمغا چاقىرىلىدىغان مېھمانلار ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن «جۇڭگو پۇقرالار ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلىگە ھاۋالە قىلىنغان.

لۇندىستادنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوبىل كومىتېتى تىزىملىككە ئاساسەن 50 كىشىلىك تەكلىپنامە يوللىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن نورۋېگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.