ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.12.03

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا قايتىشنىڭ ئالدىدا، 28 ‏- نويابىردىن باشلاپ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىسپانىيىدە ئىككى كۈن زىيارەتتە بولدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا، بارسېلونادا چىقىدىغان «ئەل- تېمپس» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ۋە «چاترادىئو «رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم 29- نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئىسپانىيە تىبەت تەشكىلاتى بىلەن ئىسپانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

رابىيە قادىر خانىم يىغىن ئاخىرىدا، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان دالاي لامانىڭ سىڭلىسى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يارىپ» زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزى سالامەت، جەمئىيەتنى ئەيدىزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

سالامەت 5، 6 يىل ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلەنمىگەن، ھەتتا 2005- يىلى باشقىلارغا ئەيدىز ھەققىدە تەلىمات بېرىش ئۈچۈن ئەيدىز پائالىيەتچىسى بولۇشقا بەل باغلىغان. ئۇ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ياشايدۇ.

سالامەت ئاخىرىدا يەنە، ئەيدىزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يېڭىپ، ئەيدىزگە قارشى كۈرەشكە ۋە ئۈمىدلىك ياشاشقا چاقىردى.

ھەر يىلى 12‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ كۈن، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇلار، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىگە خەت يېزىپ، نۇرمۇھەممەت ياسىن، غەيرەت نىياز قاتارلىق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستلارنى، تۈرمىدىكى بەزى خىتاي ھەم تىبەت ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، تىزىملىكتە يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلار ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شياۋبو قاتارلىق ئۆكتىچىلەرمۇ بار ئىكەن.

سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» كۆرسىتىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مەركىزى ياۋروپادىكى دۆلەت: سلوۋاكىيىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەن.

بۇ پائالىيەتنى سلوۋاكىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى:»بىر دۇنيا» ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى.

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «سودا خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر گاز تۇرۇبىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازنى خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە يەتكۈزىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، شىركەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس كۆمۈردىن يېقىلغۇ گازى ئايرىپ چىقىدىغان 10 زاۋۇت قۇرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىككىسى نۆۋەتتە سانجى شەھىرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىل قۇرۇلۇشىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.

مەركىزى شىۋىتسىيىدىكى «ۋىكىلىكس» ناملىق تور بېتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەلۇماتلارمۇ بار.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلاردىن بىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 5″‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىسى بولۇپ، مەزكۇر يوللانمىدا 5″‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى تەكىتلىگەنىكەن.

دەرۋەقە، «‏5-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلىغاندىن كېيىن، ئىراندىكى يۇقىرى قاتلام دىنىي ئۆلىمالاردىن ئاياتۇللاھ ناسېر مۇكەررەم -شىرازى قاتارلىق زاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

11- ئاينىڭ بېشىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئارال يېزىسى، يېڭى ئېرىق يېزىسى ۋە مارالبېشى ناھىيىسىدە ئارقا-ئارقىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى مەلۇم بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئېرىقتىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەن ئىككى نەپەر خىتاي كۆچمەن يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن. مارالبېشىدا ئۆلتۈرۈلگىنى بولسا مارالبېشى بازىرىدىكى بىر سودا بازىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىكەن.

11 ‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قەشقەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە دائىرىلەر ئارىسىدا چوڭ ساراسىمە پەيدا قىلغان ئىدى.

ئارال يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى دائىرىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە سىر تۇتۇلماقتا.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ 319 مىڭ 877 گە، ھازىرغىچە بۇ كېسەللىكتە ئۆلگەنلەر 68 مىڭ 315 كە يەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سان 1985- يىلىدىن، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئىكەن.

دوكلاتقا قارىغاندا، خىتايدا 2009- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىزدە ئۆلگۈچىلەر سانى 49 مىڭ 845 دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما، 2010 يىلى ئىچىدە ئۆلگۈچىلەر سانى بىراقلا 20 مىڭغا يېقىن ئۆرلەپ، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە 68 مىڭ 315 كە يەتكەن.

دوكلاتتا نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ شۇنچە تىز ئۆرلىگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز تىز تارىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانىنىڭ 32 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.