2010.11.26
رابىيە قادىر خانىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشماقچى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 10- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم نوبېل كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا بېرىپ مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن.
بۇ يىللىق مۇراسىمغا، سابىق نوبېل ساھىبلىرىدىن، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، چېخ پرېزىدېنتى ۋاسلوۋ خاۋېل قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شۋېتسارىيىدە زىيارەتتە
شۋېتسارىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى 4 كۈندىن بۇيان شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ھېسداشلىقىغا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئېرىشكەن. رابىيە قادىر خانىم يەنە شۋېتسارىيە – تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈش، مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە خانىم 26 - نويابىر، جەنۋەدىكى ب د ت دا كۆزەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
ئارالدا 6، يېڭىئېرىقتا 2 خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى
يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر، يېڭىئېرىق يېزىسىدا 2 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلتۈرۈلگەن. 19 كىشى ۋەقە گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
بىر ھەپتىدىن بېرى بىر قىسىم غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئارال يېزىسىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن، خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئۆلگۈچىلەر سانى 7، بەزىلىرىدە بولسا 11 دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ھازىرغىچە رەسمىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن ئىدى.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشى داۋامىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇدۇ رايونىدىكى سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇدۇ رايونىدا سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە باشلىغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ كۆچمەنلەر بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغىمۇ تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كۆچمەنلەر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، تېكەس، كۈنەس، نىلقا ناھىيىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ تەقسىم قىلىنغان. مەسىلەن غۇلجىنىڭ پەنجىم، دادامتۇ، ئارائۆستەڭ، يېڭىيەر قاتارلىق سۈيى ئەلۋەك يېزىلىرىدىكى ھەر بىر كەنتكە 10 ئائىلىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن.
ئۇيغۇرلار گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى
2010-يىلى 23-نويابىر، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەت گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پېتىر دﯤ لاڭغې ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى.
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتلار سۇنۇلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پېتىر ئەپەندى سۆھبەتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىقارىمايدىكى مەكتەپلەرگە «قوش تىللىق مائارىپ «نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
قارىماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتايدىكى 5 ئالىي مەكتەپتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇرۇپ، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن قارىمايدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە «قوش تىللىق مائارىپ «نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
قارىماي شەھىرى جەمئىي 7 ئالىي مەكتەپنى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ تاللىغان.
ئۇيغۇر ئىلىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغاندىن سىرت، قالغان مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ئىچكىرىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاساس قىلغان.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى قارىماي شەھىرىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا -باشلانغۇچلاردىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
قارىمايغا ئىچكىرىدىكى خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش قارارى ئۇيغۇرلاردا «قوش تىللىق مائارىپ»قا بولغان ئەندىشە كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلاردا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشتىكى يەكلەشكە قارشى نارازىلىق يۈكسىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
گوللاندىيىدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قۇرۇلدى
2010-يىلى 20-نويابىر گوللاندىيىدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
قۇرۇلۇش مۇراسىمى ھارلىم شەھىرىدىكى بىر جامەدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئۇزۇندىن بىرى گوللاندىيىدىكى دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملارغا رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت ئىدى.
بۇ قېتىم «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە غايە-مەقسەتلىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇر بەردى.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۇيغۇر دىيارى جۈملىدىن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچە بېسىمغا قارىماستىن ئۆز تىلىنى، دىنىنى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا بىز تۈركلەرگە بولغان سۆيگۈسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم.» دېدى.
پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى يەنە، بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:» بىز دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى ئورنىنى قايتا تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر ھەر قانداق بىر مىللەت تارىختىكى ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسا، تارىخ ئۇنى جازالايدۇ ۋە باشقا مىللەتنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈرك دۇنياسى ئۆز مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك».
رىدۋان ئەپەندى ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.