2010.11.22

رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، ئارۇ ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەردە زىيارەتتە بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان .
رابىيە قادىر خانىم شۋېتسارىيىدە بىر ھەپتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى كېڭەش يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتماقتا . شۋېتسارىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان » نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى » مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.