12 – نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنى. ئۇيغۇرلار 1933 – يىلى 12 – نويابىر كۈنى قەشقەردە، 1944 – يىلى 12 – نويابىر كۈنى غۇلجىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.12
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە يىغىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك سۆزىدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر نۇتۇق سۆزلىدى.

بۇنىڭدىن سىرت بۇ كۈن يەنە ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن.

2010 – يىلى 12 – نويابىر كۈنى 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 77 يىل، 1944 – يىلى، 12 – نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 66 يىل تولدى.