2010.11.10

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيىدىكى ۋەكىلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان ۋە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ يىغىن ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.

يىغىنغا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى قاتناشقاندىن سىرت، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگەن.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان ئوقۇغۇچى مەمەت ۋەلىمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىنى، ئۇنى كۆرۈپلا ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى، رابىيە خانىم سۆزلىگەن نۇتۇقنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، مۇھىمى ۋەتەن، مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنىڭ كۈچلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە، سەمى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.