2010.11.05

ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتايلار ئۇيغۇر زېمىنىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تىل، دىن ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى بىسىم سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان. ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىنغان.
خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. كېيىن چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى كېرەم گۈن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېيىن دوكلات بەرگۈچىلەر يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك ئۇيغۇرلار كېلەچەكتە قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تۈركمەنلەردەك مۇستەقىل بولالامدۇ؟ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا قانداق ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. سۆزلىگۈچىلەر ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئۆز كۆز قاراشلىرى بۇيىچە جاۋاب بەردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلغان چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى باتتال بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مەكتىپىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەم دىنىي، ھەمدە ئىرقىي جەھەتتىن بىزگە يېقىن. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز ›ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان‹ ناملىق بۇ يىغىننى چاقىردۇق. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىشىنى تىلەيمەن.»
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.