دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رەسمىي تەكلىپ بويىچە 20 – ئۆكتەبىردىن 25 – ئۆكتەبىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ياۋروپادىكى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قىسىم خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش سەپىرىنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.20
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە، ئىتالىيىدىكى خەلقئارالىق ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بويىچە رىم شەھىرىدە مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە جامائەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن.

ئۇ يەنە فرانسىيىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتتە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بېرىشمۇ بار.

رابىيە قادىر خانىم تېخى يېقىندىلا شىۋېتسىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىش مۇراسىمىغا ھەم باشقا بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئىدى.