2010.10.13

ھازىر بۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خەلقئارالىق ئىزدەش تورى بولغان گوگۇل تورىدىن ئىزدىسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.
رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا «ئۇيغۇرىستان » پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇلارغا مۇھىم سۆز قىلغان ئىدى.

«ئۇيغۇرىستان » پۇتبول كوماندىسى چەتئەللەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە مەملىكەتلىك پۇتبول جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسىمىي ئەنگە ئېلىنغان بىردىن – بىر پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى شۋېتسىيە «ئا» دەرىجىلىك كوماندىلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش.
ئۇلار يېقىندا پۇتبول كوماندىسى تور بېتى ئېچىپ ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە رەسمىي يوللىدى، بىز بۇ ياشلارنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت، تېنىگە كۈچ – قۇۋەت تىلەيمىز.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئابدۇۋەلىينى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.