ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.13
2010.10.13

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
Courtesy of UAA / Rushan Abbas / File Photo
u1013-pmj
رابىيە خانىم كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە كونكرېت قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى خالىغانچە ئادەم تۇتۇش ھەرىكەتلىرى كۆرۈشۈشتە سۆزلەشكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كۆرۈشۈش رابىيە خانىم يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر يىلى 2 – ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارلارنى چىقىرىش تەييارلىقىنى باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.