نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۈگۈن، 2010 – يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.08
نوبىل كومىتېتى باياناتىدا، ليۇ شاۋبو خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى ھەم، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ليۇ شاۋبو 2008 – يىلى خىتاي ئۆكتىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «2008 خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ سەۋەبتىن، بۇلتۇر 12 ‏- ئايدا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 11 يىللىق كېسىلگەن، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى.

نوبىل كومىتېتى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبىل كومىتېتىنى مۇكاپاتنى بىر جىنايەتچىگە بېرىش ئارقىلىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ تەنقىد قىلدى.

غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بولسا نوبىل كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئالقىشلىدى ۋە خىتاينى ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە چاقىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىلەردىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بار ئىدى.