2010.10.06

رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيىگە نارىن نەشرىياتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، نارىن نەشرىياتىنىڭ باشلىقى لاش ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى ئايرۇدۇرۇمدا كۈتۈۋېلىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
لاش ئەپەندى: «مەن ئۆتكەن يىلى بۇ كىتاب ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاپ كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. كىتابنى ئۇقۇپ چىققاندىن كېيىن، شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. شىۋېت خەلقىنىڭ ماڭا ئوخشاش بۇ كىتابقا قىزىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگىنى يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا ھاياتى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدۇر. مانا بۇ، كىتابنىڭ كىشىلەردە قىزىقىش قوزغايدىغان مۇھىم تەرىپىدۇر.»
لاش ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنى تونۇغىلى 20 يىللارچە بولدى. مەن ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ كېلىۋاتىمەن. ئاز سانلىق دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ تەقدىرى داۋاملىق قىيىن بولىدۇ، مەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.»
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە رادىئو – تېلېۋىزىيە، گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.
«ئەجدىھار بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال» ناملىق بۇ كىتاب بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىشى 8 – خىل تىلدا نەشر قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.