2010.10.06
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى سۈپىتىدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىدە، كام بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا ئوينايدىغان رولى ھەمدە كېلەچەك ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن مەزكۈر كومىتېت، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ سىياسىي، ئىجتىمائى شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ياشلىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي داۋا سېپىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر دائىم ئەڭ ئاۋانگارت، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ تەۋرەنمەس كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مەزكۈر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ دەل ۋاقتىدا ئېلىنغان توغرا بىر قارارلىقىنى بىلدۈردى.
غەيۇر ئەپەندى پائالىيەت داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا جۇملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ياشلار ئارىسىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزىگە تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەشكە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرىلەر ۋە خىزمەت پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.